
ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى
Den Haag · قۇرۇلغان ۋاقتى 2018
تەشكىلات ھەققىدە
بىز كىم؟
ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى — گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش، ياش ئەۋلادلارنى جامائەت خىزمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان جەمئىيەتتۇر.
جەمئىيەت شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى گوللاندىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ۋە گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئىچكى بىرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.
قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات تارىخى
ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى شەكىلگە كېلىشى بىر كۈندە بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ئۇ كۆپ يىللىق تەشكىللىنىش، ئۆزئارا ھەمكارلىق، ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە ئورتاق مەقسەت يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدۇر.
باشلانغان يول
2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ياشلار ئارىسىدا ئۆزئارا بىرلىشىش، تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىش ۋە ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ روشەن ھېس قىلدۇردى.
2010-يىلى شۇ روھنىڭ تەسىرىدە گوللاندىيەدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى كىچىك كۆلەمدە تەشكىللىنىشكە باشلىدى. بىر تەرەپتىن ھەۋەسكار ياشلار پۇتبول كوماندىسى قۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن توققۇزغا يېقىن ياشتىن تەركىب تاپقان دەسلەپكى «ياشلار تەشكىلاتى» شەكىللەندى.
دەسلەپكى قەدەملەر كىچىك بولسىمۇ، ياشلارنىڭ ئىرادىسى ۋە قىزغىنلىقى كۈچلۈك ئىدى. دائىملىق يىغىلىشلار، پۇتبول مەشىقلىرى، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان جامائەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تەشكىلات ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاشتى.
تۇنجى چوڭ قەدەملەر
2011-يىلى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم باسقۇچلارنىڭ بىرى بولدى. نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر سەھنىگە توپلانغان بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ يىلى يەنە يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان خەلقئارالىق ئۇيغۇر «ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتلەر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ئاساس سالدى.
ئىزچىللىق ۋە كېڭىيىش
2012-يىلىدىن باشلاپ تەشكىلات يېڭى رەھبەرلىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى ۋە 2-ئايدىكى غۇلجا ۋەقەلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق دائىملىق تەنتەربىيە ۋە جامائەت پائالىيەتلىرىمۇ يولغا قويۇلدى.
2018-يىلىغا كەلگەندە كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقلار تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى بەردى. تەشكىلات بىريۇسسېلدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش، جەنۋەدىكى پائالىيەتلەر ۋە «ئەركىنلىك كارۋىنى» قاتارلىق خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ئۆزىنىڭ تەشكىللەش ۋە جامائەتچىلىككە ئاۋاز يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. شۇ يىلى تەشكىلات «گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نامى بىلەن رەسمىي جەمئىيەت سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىندى.
ياشلار توپىدىن سىستېمىلىق جەمئىيەتكە
2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2019-يىلىنىڭ بېشىدا جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش ۋە يېتەكلەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسى تۈزۈلدى، ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلدى ۋە ئايلىق ئەزالىق بەدىلى بېكىتىلدى.
بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەشكىلىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇستەقىل، مۇقىم ۋە سىستېمىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان قۇرۇلمىغا ئايلاندى. دەسلەپكى بىر كىچىك ياشلار توپى شۇنداق قىلىپ ئېنىق نىشان، نىزام ۋە تەشكىللىك پائالىيەت سىستېمىسىغا ئىگە جەمئىيەتكە تەرەققىي قىلدى.
«ئەھمىيەتلىك بىر كۈن»
2019-يىلى باشلانغان «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» ناملىق ئائىلىۋى پائالىيەت جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۇنجى قېتىملىق پائالىيەتكە 180 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا ھۆسنخەت، رەسىم، شاھمات، پۇتبول، ۋالىبول، ئارغامچا تارتىش، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خاس پائالىيەتلەر ۋە كىچىك بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئويۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون خىلدىن ئارتۇق پائالىيەت بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» شۇنىڭ بىلەن ياش-قېرى، چوڭ-كىچىك بارلىق جامائەت ئەزالىرى بىرلىكتە قاتنىشىدىغان، دوستلۇق ۋە جامائەت روھىنى كۈچەيتىدىغان ئائىلىۋى پائالىيەتكە ئايلاندى. بۇ ئەنئەنە يىلدىن-يىلغا داۋاملىشىپ، بۈگۈنگە قەدەر بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.
جامائەت خىزمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر
ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچكى جامائەت پائالىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تاشقى پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى.
جەمئىيەت گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى بىر قانچە سىياسىي پارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قاتناشتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە بۇ مەسىلىلەرنى گوللاندىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلدى.
يېقىنقى يىللاردا گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، شياڭگاڭ ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەھلىل قىلىدىغان سايلام يېتەكچىسىمۇ ئېلان قىلىندى.
شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ خىزمەت يۆنىلىشى ئىككى مۇھىم ساھەدە تېخىمۇ روشەنلەشتى: ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش؛ تاشقى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئاۋازنى يەتكۈزۈش.
بىزنىڭ مەقسىتىمىز
ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئاساسىي مەقسىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ مەقسەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش ۋە جامائەت خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا شارائىت يارىتىش؛
ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش؛
ياش ئەۋلادلارنى جامائەت خىزمىتى ۋە تەشكىلاتچىلىققا يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛
شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى گوللاندىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش؛
گوللاندىيە پارلامېنتى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛
گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئىچكى بىرلىكى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش؛
بۇ نىشانلارنىڭ ھەممىسى بىر ئورتاق مەقسەتكە تۇتىشىدۇ: گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنى تېخىمۇ بىرلەشكەن، تەشكىللىك ۋە ئاۋازى ئاڭلىنىدىغان جامائەتكە ئايلاندۇرۇش.
يېڭى باسقۇچقا قاراپ
2026-يىلى 18-يانۋار ھېلموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، جەمئىيەتنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك سايلىمى ئوچۇق ۋە دېموكراتىك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمئىيەتنى ئالدىنقى باسقۇچلاردا يېتەكلەپ كەلگەن رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمەت بىلدۈرۈلدى.
شۇ يىلى ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلاپ، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولدى. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى ۋە بىرلەشمە خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىش باسقۇچىغا كىردى.
پۇتبول مەشىقى بىلەن باشلانغان بىر توپ ياشنىڭ سەپىرى بۈگۈنكى كۈندە گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ تەشكىلىي ھاياتىدا ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان جەمئىيەتكە تەرەققىي قىلدى. ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش، ياش ئەۋلادلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
