
رەئىس — ئابدۇسالام غېنى
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

گوللاندىيەگە شەرقىي تۈركىستانلىقلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ جەريان باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ھىجرەت جەريانى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشى، مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان خەلقىمىزنىڭ بىر قىسمى گوللاندىيەگە كېلىپ يەرلەشتى.
گوللاندىيەگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
دەسلەپكى يىللاردا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جامائەتنىڭ سانى كۆپىيىپ، گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلىرىغا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ۋە 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش، لاگېرغا سولاپ يوقۇتۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى تېخىمۇ جانلاندى.
بۇ تارىخىي جەرياندا گوللاندىيەدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ساھەلەردە پائالىيەت قىلىدىغان تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە پائالىيەت دائىرىسىگە ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش، نامايىش ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىرگە، ھەرىكەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئورتاق پىلان تۈزۈش، بايلىق ۋە ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئاۋاز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى بارغانسېرى روشەنلەشتى.
بۇ ئېھتىياج بىر قانچە يىللىق ھەمكارلىق تەجرىبىسى، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاساسىدا، گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆزئارا ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا فېدېراتسىيە شەكلىدىكى بىرلىك قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىدى.
بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ھەر بىر ئەزا تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىللىقى ۋە پائالىيەت دائىرىسىنى ساقلىغان ھالدا، ئورتاق مەسىلىلەر ۋە ئورتاق پائالىيەتلەردە بىرلىكتە پىلان تۈزۈش، بىر ئاۋاز، بىر پوزىتسىيە ۋە ماسلاشقان ھەرىكەتنى شەكىللەندۈرۈش ئىدى.
بىرلىك تەشەببۇسچىلىرى فېدېراتسىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى پەقەت بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ قارارى بولۇپ قالماستىن، بەلكى گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە قوللىشىغا تايىنىدىغان بىر جەمئىيەتلىك جەريانغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى گوللاندىيەدىكى جامائەتكە فېدېراتسىيە قۇرۇش تەشەببۇسى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، كېيىنكى مەزگىلدە جامائەت ۋەكىللىرى، شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بىر قاتار سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ جەريانلارنىڭ نەتىجىسىدە گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئورتاق پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان مەركىزىي بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى» قۇرۇلدى.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى 2008 - يىلى قۇرۇلغان
گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى — 2018-يىلى قۇرۇلغان
3 .ئۇيغۇر تىرىلىش جەمئىيىتى 2019 - يىلى قۇرۇلغان.
4. ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى — 2019-يىلى قۇرۇلغان.
5. گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان قازاق بىرلىكى 2025-يىلى تەشكىللەنگەن
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت — گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق مەسىلىلەردە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى گوللاندىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. فېدېراتسىيە تۆۋەندىكى ئاساسلىق نىشانلارنى كۆزلەيدۇ:
1. تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش
ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە خاسلىقىنى ھۆرمەت قىلغان ھالدا، ئورتاق مەسىلىلەردە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش.
2. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش
شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئىستىكىنى گوللاندىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش.
3. سىياسىي ۋە ئاممىۋى لوببىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
گوللاندىيەدىكى سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.
4. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت، يىغىن، نامايىش، ئاخبارات پائالىيەتلىرى ۋە باشقا جامائەت پائالىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە ماسلاشتۇرۇش.
5. جامائەتنى تەشكىللەش ۋە كۈچەيتىش
گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، جامائەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە جامائەتنىڭ تەشكىلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.
6. ياشلارنى يېتىشتۈرۈش
ياشلارنىڭ تەشكىلات، جەمئىيەت، مېدىيا، تەتقىقات ۋە رەھبەرلىك ساھەلىرىدىكى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى جامائەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
7. تىل، دىن ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش
ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي قىممەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە تۆھپە قوشۇش.
8. ئورتاق ئاۋاز ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈش
گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق مەسىلىلەردە بىر پوزىتسىيە ۋە ماسلاشقان ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئاۋاز شەكىللەندۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلاش.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى بىر كۈندە بارلىققا كەلگەن تەشكىلىي قۇرۇلۇش ئەمەس، بەلكى گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق پائالىيەت، ھەمكارلىق، سۆھبەت ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
1- دەسلەپكى مەزگىل — جامائەتنىڭ شەكىللىنىشى
1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ گوللاندىيەگە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن، ئاستا-ئاستا جامائەت مۇھىتى شەكىللىنىپ، مىللىي كىملىك، مەدەنىيەت ۋە ئۆزئارا ياردەم مەسىلىلىرى جەھەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
2- تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى
جامائەتنىڭ كۆپىيىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، گوللاندىيەدە كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەت، مېدىيا، ياشلار، تەنتەربىيە ۋە سىياسىي پائالىيەت قاتارلىق ساھەلەردە پائالىيەت قىلىدىغان بىر قىسىم تەشكىلاتلار قۇرۇلدى.
3- ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئورتاق پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلەشمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. بۇ جەرياندا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى بىلەن بىرگە، ئورتاق ھەرىكەتنىڭ زۆرۈرلۈكى تېخىمۇ روشەنلەشتى.
4- فېدېراتسىيە قۇرۇش تەشەببۇسى
كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىر قىسىم تەشكىلات ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئوتتۇرىسىدا فېدېراتسىيە شەكلىدىكى بىرلىك قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەر داۋاملاشتى. بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى — ھەر بىر تەشكىلاتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان ھالدا ئورتاق پائالىيەتلەرنى بىر سىستېما ئاستىدا ماسلاشتۇرۇش ئىدى.
5- جامائەت سەپەرۋەرلىكى
2026-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى فېدېراتسىيە قۇرۇش تەشەببۇسى گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىگە رەسمىي ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن جامائەتتىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن قايتا-قايتا سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، فېدېراتسىيەنىڭ نىزامنامىسى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ۋە خىزمەت يۆنىلىشلىرى ئۈستىدە تەييارلىق خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.
6- فېدېراتسىيەنىڭ قۇرۇلۇشى
بۇ تەييارلىق ۋە كېڭىشىش جەريانلىرىنىڭ نەتىجىسىدە «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى» قۇرۇلۇپ، گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئورتاق پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان مەركىزىي تەشكىلىي سىستېما سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.
7- كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى
فېدېراتسىيە كەلگۈسىدە تاشقى سىياسەت ۋە لوببىچىلىق، ئىچكى ماسلاشتۇرۇش، مېدىيا ۋە ئاخبارات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى، ياشلارنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، شۇنداقلا تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت دائىرىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش، جامائەتنىڭ ئىچكى بىرلىكى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىسى دەپ قارايدۇ.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى باش كاتىپى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار بۆلۈم مەسئۇلى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ئاخبارات بۆلۈم مەسئۇلى
فېدېراتسىيە قارار چىقىرىش ۋە ئەزا تەشكىلاتلارنى ماسلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى مەجلىس مەسئۇلى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ياردەمچى كاتىپ

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى پائالىيەت بۆلۈمى مەسئۇلى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى خەلق ئىشلار بۆلۈمى مەسئۇلى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى خوجىلىق بۆلۈم مەسئۇلى