فېدېراتسىيە خەۋەرلىرى · 2026-يىل 19-ئىيۇن
تەكلىپنامە: 1 - نۆۋەتلىك « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك » دالا زىياپىتى
1 - نۆۋەتلىك « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك » دالا زىياپىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم,
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانىلىرىمىز، ئاكا-ئۇكىلىرىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. گوللاندىيەدىكى نۆۋەتتىكى شەرت-شارائىتىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىمۇ ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ۋەتەنسىزلىك، مۇساپىرلىق ۋە غېرىبلىق يەتمىگەندەك، كۈندىلىك ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دەيدىغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ھېكمەتلىك سۆز بار.
ھەممىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش، ئۆزئارا تونۇشۇپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىش ۋە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى بىرلىكتە ھەل قىلىش مەقسىتىدە؛ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى سىزنى ئامستېلفىندا (Amstelveen) ، 1 - نۆۋەتلىك « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك » دالا زىياپىتى پائالىيىتىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
سىزنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىشىڭىز ۋە بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىڭىز ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
پائالىيەت ۋاقتى: 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئورنى : سائەت 12:00 دىن سائەت 18:00 گىچە
ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ھەيئەتلىرى
