فېدېراتسىيە خەۋەرلىرى · 2026-يىل 29-مارت
گوللاندىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چاقىرىق

گوللاندىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چاقىرىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يۇرتداشلار! ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۆپچىلىكىمىزگە مەلۇم. بىزنىڭ ۋە پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ تەقدىرى ئانا ۋەتىنىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ ئەگەر بىز بۈگۈن بىرلىشىپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر ئۇل سالمىساق كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا جاۋابكار بولىمىز.
گوللاندىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇر) تەشكىلاتلىرى ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدىن بۈگۈنگىچە قانداق قىلغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە مۇنتىزىم قەدەملەر بىلەن ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بىر فېدېراتسىيە ( بىرلىك ) شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ دېگەن تېمىدا نەچچە قېتىملاپ يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشلار ۋە جىددى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق.
ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىز ئۈمىد قىلغان ، بىزلەر ھەم ئارزۇ قىلغاندەك ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتتىن ھالقىغان، پەقەت ۋە پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بىر فېدېراتسىيە قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىمىز ئېنىق ئىدى.
ئەپسۇس، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە داتچ ( گوللاندىيە ) ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىدىكى يۇرتداشلىرىمىز نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ شارائىتنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ فېدراتسىيگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسىرلەردىن بېرى تەپرىقىچىلىك ۋە بۆلۈنۈشنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپەتلىرىنى تونۇپ يەتكەن سەپداشلار بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە ۋە ئىمكانىيتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە بۇ فېدراتسىينى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق. بۇ بىرلىككە ئاۋاز قوشقان تەشكىلاتلار:
ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ( ئابدۇسالام غېنى)
ئۇيغۇر ئاۋازى فوندى ( ئابدۇسالام نىياز)
ئۇيغۇر تىرىلىش فوندى ( ئابدۇغېنى سابىت)
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى ( فېردۇن ، سادىقجان سەلەي )
شەرقىي تۈركىستان قازاقلىرى تەشكىلاتى ( ئۆمەر بەكئەلى )
بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز تۆۋەندىكىچە:
1. گوللاندىيىدىكى يۇرتداشلىرىمىزغا ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ۋە ئۇچرشىشلارنىڭ نەتىجىسىنى بىلدۈرۈش.
2. خىتايلارنىڭ ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن سۇسلاشتۇرۇلغان كۆرۈشىمىزنى يەنىلا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تىك ۋە ھايات تۇتۇپ تۇرۇش ھەمدە سىز ئەزىز يۇرتداشلىرىمىز بىلەن بۇ يولدا بىللە مېڭىشنى نىشان قىلغانلىقمىزدىندۇر. بۇ بىرلىككە قېتلىشنى خالايدىغان تەشكىلاتلار ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق شەخسلەرنى سېپىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز.
پىلانىمىز: بىز كۈچلۈك بىر فېدېراتسىيە قۇرۇش ئارزۇسى بولغان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرىمىز.
ئۇ گۇرۇپتا تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز:
• قانداق قىلساق گوللاندىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنى كۈچلەندۈرەلەيمىز.
• قانداق قىلىپ سىياسىي ئاڭ ۋە بىرلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ ئاكتىپچانلىق بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان بۇ كۆرۇشىمىزنى مۇنتىزىم ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بارالايمىز.
. ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن فېدېراتسىيە ( بىرلىك ) قۇرۇش توغرىسىدا پىكىرلىشمىز.
بىز توردا ۋە يىغىن زاللىرىدا تۈرلۈك مۇزاكىرە يىغىنلىرىنى ئاچىمىز. يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە چىقىپ، ئەركىن پىكىر قىلىپ، بۇ مۇزاكىرىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشنى قارشى ئالىمىز. ھەر قانداق تەكلىپ - پىكىرلەرنى سەمىمىي ۋە ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلايمىز. تەكلىپ ۋە پىكىرىڭلارنى مۇشۇ گۇرۇپتا ۋە ياكى يېڭى قۇرۇلىدىغان گۇرۇپتا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، رەھمەت.
بۇ ئۇقتۇرۇشنى گوللاندىيىدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارغا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
2026-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيىسى تەييارلىق كومىتېتى.
