بارلىق خەۋەرلەر · 2026-يىل 2-ئىيۇل
1-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك» دالا زىياپىتى ئامستېلفېندا ئۆتكۈزۈلدى
1-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك» دالا زىياپىتى ئامستېلفېندا ئۆتكۈزۈلدى
يېڭىدىن تەشكىللەنگەن گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2026-يىلى 28-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئامستېلفېندا (Amstelveen) 1-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دالا زىياپىتى پائالىيىتى گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 60 دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
دالا زىياپىتى ئامستېلفېننىڭ تەبىئىي گۈزەل ئامستېردام بوستا (Amsterdamse Bos) سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 18:00 دە ئاخىرلاشتى. پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى — مۇساپىرچىلىق بېسىملىرى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە ۋەتەندىكى ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا، گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا مېھرى-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا يار-يۆلەكتە بولۇش ھەم پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىناقلىق سۇپىسى يارىتىش ئىدى.
پائالىيەت جەريانىدا قېرىنداشلىرىمىز سۆز قىلىپ، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دەيدىغان ئاتا-بوۋىلار ھېكمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. ئۇلار گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆملۈككە چاقىرىش، شەرقىي تۈركىستان كۆرۈشىگە ئىگە چىقىش ھەمدە ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە تەشكىلىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.
فېدېراتسىيە پائالىيەت بۆلۈمى ۋە خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىشى بىلەن 1-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك» دالا زىياپىتى پائالىيىتى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتتى، يۇرتداشلار بىر-بىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىپ، ئائىلىۋى ئىللىقلىقنى ھېس قىلىشتى.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى 1-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك» پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن ۋە فېدېراتسىيەنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بارلىق پېشقەدەملەرگە ۋە يۇرتداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى ئېيتىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ھەيئەتلىرى
