
ئۇيغۇر تىرىلىش جەمئىيىتى
Beverwijk · قۇرۇلغان ۋاقتى 2019
تەشكىلات ھەققىدە
قۇرۇلۇش تارىخى
«ئۇيغۇر تىرىلىش جەمئىيىتى»نىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسى، جەمئىيەت رەسمىي قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىلا باشلانغان. جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇغېنى سابىت چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.
ئۇ 2008-يىلى قۇرۇلغان «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى»دە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
شۇ دەۋردىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە باشقا قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ئابدۇغېنى سابىت، مىللەتكە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە 2010-يىلى «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ» (SaveUyghur) نامىدىكى تور بېكەت ۋە YouTube قانىلىنى قۇرغان.
بۇ سۇپىلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، ئۇچۇر ۋە مەزمۇنلارنى ئىزچىل تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. بۇ سۇپىلار بىر مەزگىل نەچچە ئون مىڭلىغان ئەگەشكۈچىگە ئىگە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. كېيىن، ئۇنىڭ بايانىغا قارىغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ قايتا-قايتا ئەرز-شىكايەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ سۇپىلار تاقالغان.
2017-يىلى «Talk East Turkestan» — «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆزلەيلى» نامىدىكى يېڭى بىر سەھىپە قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشتۇرۇلغان. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىزمەتنى تېخىمۇ مۇقىم ۋە تەشكىللىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، 2019-يىلى «ئۇيغۇر تىرىلىش جەمئىيىتى» رەسمىي تۈردە قۇرۇلۇپ ۋە ئەنگە ئېلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تەشكىلات شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان.
ئاساسىي مەقسىتى
ئۇيغۇر تىرىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى — شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە توغرا، ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. جەمئىيەت ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئوچۇق مۇھاكىمە قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇش
ئابدۇغېنى سابىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ھازىرقى ۋەزىپىسى
ئابدۇغېنى سابىت 2007-يىلى گوللاندىيەگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك داۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان تەشكىلاتچىلىق، خەلقئارالىق ئاۋاز يەتكۈزۈش، ئاخبارات ۋە مەھەللە خىزمەتلىرى ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
كەسپىي ۋە تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتلىرى
2008يىلى: «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
2010-يىلى: «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ» (Save Uyghur) تور بېكىتى ۋە YouTube قانىلىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش، ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئاۋازنى تېخىمۇ كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.
2017-يىلى: «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆزلىشەيلى» (Talk East Turkestan) سۇپىسىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىش ۋە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
2019-يىلى: «ئۇيغۇر تىرىلىشى جەمئىيىتى»نى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. جەمئىيەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش، ئۇچۇر-ئاخبارات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.
2025-يىلىدىن باشلاپ: «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەنپەئەت مەركىزى» (CETNI)ندە ئىچكى ئىشلار كوردىناتورى ۋە ئىسلام دۇنياسى مەسئۇلى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا.
2026-يىلىدىن باشلاپ: گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ باش كاتىپى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىپىسى دائىرىسىدە فېدېراتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئەزا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا فېدېراتسىيەنىڭ ئورتاق خىزمەتلىرىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل.
ھازىرقى ۋەزىپىسى : گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى — باش كاتىپ
