
ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى
Stolwijk · قۇرۇلغان ۋاقتى 2019
تەشكىلات ھەققىدە:
تۇلۇق نامى: ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى
Stichting Uyghur Omroep
گوللاندىيەدە قانۇنلۇق تىزىمغا ئېلىنغان ئۇيغۇر مېدىيا ۋە ئاڭلىتىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور مېدىيا، خەۋەر، سۆھبەت پروگراممىلىرى ۋە مىللىي-ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئىشلەش ۋە تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قۇرۇلۇش ۋە مېدىيا پائالىيىتى
2017- 2019-يىللىرى ئارىلىقىدا ئۇيغۇر مېدىيا پائالىيەتلىرى « ئۇيغۇرنىداسى تور رادىيوسى» نامىدا باشلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى تور ئارقىلىق ئاڭلىتىش ۋە مىللىي تەشۋىقات خىزمىتىنى كەسپىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا بولغان تۇنجى قەدەملەر تاشلاندى.
2019-يىلى بىر قىسىم قوللىغۇچىلار ۋە سپونسورلارنىڭ قوللىشى ۋە ۋەدىلىرىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي مېدىيا خىزمىتىنى تېخىمۇ كەسپىي سەۋىيەگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيىسى» نامىدا تېلېۋىزىيە ۋە تور ئاڭلىتىش تۈرى يولغا قويۇلدى. شۇ يىلى تەشكىلات گوللاندىيەدە رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىپ، قانۇنلۇق ۋە كەسپىي مېدىيا پائالىيىتىنى باشلىدى.
ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 200 گە يېقىن ئىشتىراكچى قاتناشقان ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي ئاڭلىتىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە توردا رەسمىي ھالدا كۈنىگە 24 سائەت ئاڭلىتىش ئېلىپ باردى. كېيىن يۇتۇپ قانىلى ئارقىلىق خەۋەر ۋە سۆھبەت پروگراممىلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
بىر نەچچە يىللىق پائالىيەت جەريانىدا تەشكىلات ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، سۆھبەت ۋە باشقا مېدىيا مەزمۇنلىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇستەقىل مېدىيا ئېھتىياجىغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشتى. 2023-يىلى مەبلەغ يېتىشمەسلىك ۋە قوللاش مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرى رەسمىي توختىتىلدى.
يېڭى باسقۇچ
Stichting Uyghur Omroep
ئۆزىنىڭ مېدىيا تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە بىر يېڭى ئاڭلىتىش تۈرىنى يولغا قويدى.
2025-يىلى 12-نويابىردىن باشلاپ «ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى» نامىدا رەسمىي ئاڭلىتىش پائالىيىتى قايتا باشلاندى.
بۇ يېڭى باسقۇچ تەشكىلاتنىڭ مېدىيا ساھەسىدىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى مېدىيا ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئاساسلىق پائالىيەت ساھەلىرى
خەۋەر ۋە ئاخبارات تارقىتىش
سۆھبەت ۋە مۇھاكىمە پروگراممىلىرى
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش
ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنى تارقىتىش
تور رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە پائالىيەتلىرى
مېدىيا ۋە جامائەت پائالىيەتلىرىنى قوللاش
Stichting Uyghur Omroep
ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى، گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ مۇستەقىل مېدىيا ساھەسىدىكى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە فېدېراتسىيەنىڭ ئورتاق مەقسىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە مېدىيا جەھەتتىن تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
شەخسىي بىئوگرافىيە
ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر 2008-يىلى 1-ئايدا گوللاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىستىكىنى ئىپادىلەش يولىدىكى پائالىيەتلىرىنى گوللاندىيەدە داۋاملاشتۇرغان.
ئۇ ۋەتەندە شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. گوللاندىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىلىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.
گوللاندىيەدىكى دەسلەپكى تەشكىلىي پائالىيىتى
2008-يىلى 2-ئايدا، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىلات قۇرۇش ۋە سايلام پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، جامائەت ئەزالىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى يېڭى قۇرۇلغان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان. گوللاندىيەگە كېلىپ بىر يېرىم ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق مۇھىم بىر ۋەزىپىگە سايلىنىشى ئۇنىڭ كېيىنكى تەشكىلىي ۋە سىياسىي پائالىيەت ھاياتىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. دەسلەپكى تەشكىلىي خىزمەتلىرى جەريانىدا ئۇ جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى، تەشكىلىي باشقۇرۇش ۋە سىياسىي-ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەجرىبە توپلىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى پائالىيىتى
2011- ، 2016-يىللىرى ئارىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ تەشۋىقات ۋە مېدىيا ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە فىلىملەرنى ئىشلەش، قۇرۇلتاينىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
2014-يىلى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بىر يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن.
2016-يىلى بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
ئۇيغۇر مېدىياسى پائالىيىتى
2017- ، -2019يىللىرى ئارىسىدا «ئۇيغۇرنىداسى تور رادىيوسى»نامىدا تور رادىيوسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشۋىقات ۋە مېدىيا خىزمەتلىرىگە رەسمىي ۋە كەسپىي شەكىلدە قاتناشقان.
2019-يىلى بىر قىسىم قوللىغۇچىلار ۋە سپونسورلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر مېدىيا خىزمىتىنى تېخىمۇ كەسپىي شەكىلگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيىسى»تۈرىنى يولغا قويۇشقا قاتناشقان.
شۇ يىلى گوللاندىيەدە ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىپ، قانۇنلۇق كەسپىي مېدىيا پائالىيىتى باشلانغان. ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيىسى دەسلەپكى مەزگىلدە توردا كۈنىگە 24 سائەت ئاڭلىتىش ئېلىپ بېرىپ، كېيىن يۇتۇپ قانىلى ئارقىلىق خەۋەر ۋە سۆھبەت پروگراممىلىرىنى تارقاتقان. مەبلەغ ۋە قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ ئاڭلىتىش تۈرى 2023-يىلى رەسمىي توختىغان.
2025-يىلى 12-نويابىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى بايرىقى ئاستىدا «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» نامىدىكى يېڭى ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى باشلاشقا قاتناشقان.
شەخسىي بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلار
ئۇنىڭ سىياسىي ۋە مېدىيا پائالىيەتلىرى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ۋە ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. 2013-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان ئاكىسىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئېغىر سىناقلارنىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ 2017–2019-يىللىرى ئارىسىدا لاگېرغا قامالغانلىقىمۇ ئۇنىڭ تەمىنلىگەن ھېكايىسىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشقا تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىياسىي، مېدىيا ۋە جامائەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان.
فېدېراتسىيە قۇرۇشتىكى رولى
گوللاندىيەدىكى بىر قانچە يىللىق تەشكىلىي ۋە سىياسىي پائالىيەت، شۇنداقلا ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق بىر تەشكىلىي سىستېما بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى قوللىغان دەسلەپكى كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان ھالدا، ئورتاق مەسىلىلەردە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك قىلىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە تەشكىلىي، مېدىيا ۋە جامائەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە مۇستەقىللىق ئىستىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
«شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغانغا قەدەر يولۇمدىن يانمايمەن.»
قىسقىچە پائالىيەت باسقۇچلىرى —
2008 — گوللاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى؛ گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى.
2011- 2016 — دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولۇپ، تەشۋىقات ۋە مېدىيا خىزمەتلىرىگە قاتناشتى.
2014 — گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
2016 — دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئىستىپا بەردى.
2017- 2019 — «ئۇيغۇرنىداسى تور رادىيوسى» ئارقىلىق مېدىيا پائالىيىتىنى باشلىدى.
2019 — ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە «ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيىسى»نىڭ كەسپىي ئاڭلىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
2023 — ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاڭلىتىش پائالىيىتى توختىدى.
2025 — ئۇيغۇر (رادىيو-تېلېۋىزىيە) ئاخبارات جەمئىيىتى بايرىقى ئاستىدا «ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى» ئاڭلىتىشىنى باشلاشقا قاتناشتى.
2026 — گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشتى.
ھازىرقى ۋەزىپىسى : گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى — ئاخبارات ۋە تۈرك دۇنياسى بۆلۈمى مەسئۇلى
