
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى
Assendelft · قۇرۇلغان ۋاقتى 2008
تەشكىلات ھەققىدە:
قۇرۇلۇش تارىخى:
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى 2008-يىلى 2-ئايدا ئامىستېردامدا ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئارقىلىق قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلات گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە جەمئىيەت سۈپىتىدە شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.
تەشكىلات قۇرۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا مۇرات ئالماس تۇنجى رەئىس بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بەختىيار ناسىر، پەرھات قادىر، ئابدۇسالام نىياز ۋە سادىقجان سەلەي قاتارلىقلار رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ھازىرقى رەئىسى فېردۇن يارئەلىدۇر.
ئاساسىي خىزمەت يۆنىلىشلىرى؛
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۆۋەندىكى ئاساسىي ساھەلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
سىياسىي ۋە ھوقۇق خىزمەتلىرى:
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى گوللاندىيە جەمئىيىتىگە ۋە سىياسىي ساھەگە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى قوللاش.
كۆچمەنلەر خىزمىتى:
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرى ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىشلىرىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش.
ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلەر:
ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى رولى؛
مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇن يىللىق خىزمەت جەريانىدا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى، ئۆزئارا ياردەملىشىشى ۋە تەشكىللىك ھالدا جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن مۇھىم سۇپا بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ سىياسىي داۋا، كۆچمەنلەر خىزمىتى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى تىرىشچانلىقلىرى ئاممىۋى كۈچنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا زور تۆھپە قوشتى.
تەشكىلاتنىڭ كۆپ يىللىق تەجرىبىسى ۋە جامائەت بىلەن بولغان ئالاقىسى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ.
بىرلىك ۋە ھەمكارلىققا قاراپ؛
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت، ھەمكارلىق ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىش زۆرۈردۇر. گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق تەجرىبىسى بىلەن بۇ ئورتاق تىرىشچانلىقنىڭ ئاكتىپ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا.
مەزكۇر تەشكىلات گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەش، مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەتنى ساقلاش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىش يولىدىكى ئىزچىل خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
