سىن ئالبومى · 2026-يىل 4-ئۆكتەبىر
ئامستېردامدا يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، خىتاي ئىشغىلىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قانلىق قىرغىنچىلىققا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىش گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئېلىشقۇدا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.
