2026-يىل 25-سېنتەبىر
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم گوللاندىيەدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار،
ھۆرمەتلىك جامائەت ئەھلى،
بۈگۈن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.
كۆپ يىللاردىن بۇيان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان جامائىتى ئىچىدە نۇرغۇن تەشكىلات، جەمئىيەت ۋە پائالىيەتچىلەر ئۆز ئىمكانىيىتى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي مەدەنىيەت، مائارىپ، دىنىي پائالىيەت، جامائەت خىزمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلدى. بۇ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقلار بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن مۇھىم بىر تەجرىبە ۋە ئاساس بولۇپ قالدى.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى دەل مۇشۇ تەجرىبىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، تەشكىلاتلار ۋە جامائەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلدى.

فېدېراتسىيەنىڭ ۋەزىپىسى
فېدېراتسىيە گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە خىزمەت ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىدۇ.
بۇ خىزمەتلەر ئاساسەن تۆۋەندىكى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
سىياسىي ساھەدە:
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى گوللاندىيە ۋە خەلقئارا سىياسىي دائىرىلەرگە تونۇشتۇرۇش، پارلامېنت، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن دىئالوگ ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش؛
ئىجتىمائىي ساھەدە:
گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئائىلە، ياشلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش؛
دىنىي ساھەدە:
جامائىتىمىزنىڭ دىنىي قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجلارغا كۆڭۈل بۆلۈش؛
مىللىي مائارىپ ساھەسىدە:
ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە تۆھپە قوشۇش؛
كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە:
شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش.
بىرلىك — بىزنىڭ ئورتاق ئاساسىمىز.
فېدېراتسىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى — گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى كۈچەيتىش.
بىزنىڭ ئوخشىمىغان تەشكىلاتلىرىمىز، پىكىرلىرىمىز ۋە خىزمەت ئۇسۇللىرىمىز بولۇشى تەبىئىي. ئەمما بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان ئورتاق تارىخ، مىللىي كىملىك، مەدەنىيەت، دىن ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار.
فېدېراتسىيە بۇ خىل پەرق ۋە كۆپ خىللىقنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئورتاق مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىق، مەسلىھەتلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بىرلىك — ھەممە بىر خىل بولۇش دېگەنلىك ئەمەس؛
بىرلىك — ئورتاق مەقسەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ھەمكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت.
كەلگۈسىگە بولغان مەسئۇلىيىتىمىز:
بىزنىڭ بۈگۈنكى خىزمىتىمىز پەقەت بۈگۈن بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا نېمىنى قالدۇرىدىغانلىقىمىزنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋاملىشىشى ئۈچۈن، بىزگە تەشكىللىك جامائەت، تەربىيەلەنگەن ياشلار، مىللىي مائارىپ سىستېمىسى، كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىققا تايانغان مۇقىم قۇرۇلما كېرەك.
شۇڭا فېدېراتسىيە گوللاندىيەدىكى بۈگۈنكى بىرلىكنى كەلگۈسىدىكى بۈيۈك مىللىي بىرلىكنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە كۈچەيتىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.
بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەقسىتىمىز — شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەقسىتىمىزنى تىنچ، سىياسىي ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلىغان ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزەلەيدىغان كۈچلۈك ۋە بىرلەشكەن جامائەت قۇرۇلمىسىنى يېتىلدۈرۈش.
بىزنىڭ ئورتاق يولىمىز:
فېدېراتسىيە ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت تەشكىلاتلار ۋە جامائەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئورتاق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ۋە گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق ئاۋازىنى تېخىمۇ تەشكىللىك شەكىلدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلدى.
بۇ يولدا ھەر بىر تەشكىلاتنىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ، ھەر بىر ياشنىڭ ۋە ھەر بىر جامائەت ئەزاسىنىڭ ئۆز ئورنى ۋە رولى بار.
بىز فېدېراتسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەت، باراۋەرلىك، مەسئۇلىيەت، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىمىز.
گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۈگۈنكى بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش — كەلگۈسىگە تەييارلىقنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. بۈگۈن تۇرغۇزغان تەشكىلىي ۋە مىللىي ئاساسىمىز، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئورتاق مەقسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھۆرمەت بىلەن:
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى
2026-يىلى سېنتەبىر
