2019-يىل 8-فېۋرال
گوللاندىيە پادىشاسى ئالىكساندىرغا ئۇچۇق خەت
ھۆرمەتلىك ئالىكساندىر پادىشاھ ئالىيلىرى مەن سىزنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى ، دىكتاتۇر، ئاشقۇن مىللەتچى، فاشىست شىجنپىڭنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ يازغان تەبرىك سۈزىڭىزنى فەيىسبوك سەھىپىىڭىزدە كۈرۈپ ئازاپلاندىم. ئازاپلانغان يۈرەكلىرىم مېنى تېخمۇ ھەسرەتكە قايغۇغا مۇپتىلا قىلدى. ئاخىرى قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ سىزگە ئۇچۇق خەت يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىز دىمكۇراتىيە ۋە ئادىللىقنىڭ تەۋرەنمەس قوغدۇغۇچىللىرىنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى پادىشاھلىرىنىڭ ئىچىدە تۈنجى قېتىم شىجىنپىڭ ھاكىميىتىگە شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت رايۇندىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكى ھەققىدە ئېغىز ئاچقاندا ،ئۈزەمنىڭ گوللاندىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بۇلۇپ قالغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھىس قىلغانتىم ۋە پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ۋە ئائىلسىنڭ ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن، تىننىڭ سالامەت بۇلشىنى تىلگەنتىم. ئەپسۇس چاغانلىق تەبرىك خېتىڭىز خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىزىلگەن يۈركىنى تېخمۇ ئەزدى. مەن سىزگە 2018- يىلى 7- ئايدا شەرقى تۈركىستاندا بۇلاۋاتقان ئىتنىك قىرغىنچىلىقتىن ئەندىشە قىلىپ، شۇنداقلار بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنىڭ ياقى ئاتا ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىم بىلەن كۈرۈشەلمەيۋاتقانلىقىمنى، سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسىگە كۈڭۈل بۈلۈپ ئاتا ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئىزدىركىنى قىلىپ بىرىش ھەققىدە خەت يازسسام سېكىرىتارىڭىز ئارقىلىق خېتمگە سەمىمىي جاۋاب بىرىپ تاشقى ئىشلار مىنىستېرلكىگە ھاۋالە قىلغانلىق ھەققىدىكى خېتىڭىزنى ئوقوپ چەكسىز ھاياجانلانغان ۋە سىزنىڭ ئەڭ تۈۋەن تەبىقىدىكى بىر پۇقرايىڭىزنىڭ خېتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ كۆڭۈل بۈلگەنلىكىڭىزدىن ئىبارەت بۈ ئەخلاقى پەزىلىتىڭىزدىن تەسىرلىنىپ كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار تۈكۈلگەن.
گېتلىر 2- دۇنيا ئۇرشىدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن جازا لاگىرى قۇرۇپ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بولسا، 21- ئەسىردە تارىخ قايتا تەكرارلىنىپ فاشىست شىجنپىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن گىتلىېرنىڭ جازا لاگىردىنمۇ ۋەھشى بولغان جازا لاگىرىنى قۇرۇپ شەرقى تۈركىستانىڭ ئەسلىي زىمىن ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى تەل تۈكىس يىلتىزدىن قۇرتۇش ھەمدە شەرقى تۈركىستاندىكى ھەددى - ھىساپسىز بايلىقلارغا ۋە زىمىنغا مەڭگۈلۈك ئىگە بۇلۇپ ئۈزنىڭ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك ئىدىيسى بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرلىشىنى شەرقى تۈركىستاندىن ئۆتكۈزۈپ دۇنياغا خۇجا بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بولغان ئاسلىماتسىيە سىياسىتىنى تىزلەشتۈرۈپ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
ھۆرمەتلىك پادىشا ئالىيلىرى مەن ئاتا - ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ۋە خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلقىغا دۈچ كىلۋاتقانلىقىنى گوللاندىيە ھۈكۈمىتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن گوللاندىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاش ھەمدە خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلقىغا قارشى جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 2018-يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈندىن ئېتبارەن گوللاندىيە پارلامىتىىنىڭ ئالدىدا 5 كۈن ئاندىن ئامستېردام دام مەيدانىدا ھەر ھەپتە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىلدە ئىزچىل نامايىش قىلىپ ئاۋازسىز قالغان خەلقىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كىلۋاتمەن. تىنىچ شەكىللىك نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى كۆز قۇلاقلىرىنىڭ ھەرخىل تەھدىتلىرى ۋە ھاقارەتلىرىگە ئۇچۇرساممۇ پەرۋا قىلماي، سەۋىرچانلىق بىلەن ئاۋازسىز قالغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بۇلۇپ ئىزچىل نامايىش قىلۋاتمەن، شۇنداقلا ھازىرغىچە گوللاندىيە خەلقىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن گوللاندىيەگە ساياھەتكە كەلگەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاپ ھەم بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندىن باشقا ئاتا ئانام، ئورۇق تۇققانلىرىم ھاياتمۇ ؟ ئۆلدىمۇ؟ جازا لاگىردىمۇ؟ بىلەلمىدىم. سىزدەك بىر ئادىل پادىشادىن تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۈتىندىغىنىم خىتاي ھۈكۈمتى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىڭىزنىڭ ئاددى بىر پۇقراسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئورۇق تۇققانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بىرىشنى ۋە شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىتنىك قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇپ شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىنى ياخشىلاش ھەققىدە سۆھبەت ئارلىقدا ئوتتۇرغا قۇيشىڭىزنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
