2026-يىل 24-سېنتەبىر
ئۇيغۇر ئاخبارات جەمئىيىتى قۇرغۇچىسى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇرنىڭ ئاپىسى ئايشەمخان ھاجىم 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇ دۇنيادىكى ئاپامغا خەت
ئاپا!
بۈگۈن ساڭا بىر پارچە خەت يازماقچى بولدۇم. ئەمما بۇ قېتىم خەتنىڭ ئۈستىگە «ئۈرۈمچىگە»، «ئۆيىمىزگە» ياكى «ئانامغا تەگسۇن» دەپ ئادرېس يازالمىدىم. چۈنكى سەن بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئادرېسلاردىن ئايرىلىپ، ئەبەدىيلىك سەپىرىگە چىقىپ كەتتىڭ.
2026-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 06:00 دە، سەن 85 يېشىڭدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ھەقىقى ئىگىمىز بولغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتتىڭ.
ئەمما مەن سېنىڭ يېنىڭدا يوق ئىدىم. قولۇڭنى تۇتالمىدىم، كۆزلىرىڭگە ئاخىرقى قېتىم قارىيالمىدىم. «ئاپا، مەن كەلدىم» دەپ قۇلىقىڭغا پىچىرلىيالىغىنىممۇ يوق. ھەتتا ئاخىرقى قېتىم ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقىمۇ پۇرسەت تەگمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيادا بىزنى ئايرىۋەتكەن زالىم توساقلار بار ئىدى.
2016-يىلىدىن بۇيان، مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىڭغا، تېلېفوندا سۆزلىشىشىمىزگە، خەت يېزىشىمىزغا يول قويۇلمىدى. مېنىڭ سەن بىلەن بولغان ئانا-بالىلىق مۇناسىۋىتىممۇ شۇ سىياسىي توساقلارنىڭ ئىچىگە قامالدى.
ئەمما بىر نەرسە بار ئىدىكى، ئۇنى ھېچقانداق ھۆكۈمەت، ھېچقانداق تۈرمە، ھېچقانداق چېگرا ياكى جازا لاگېرى بىزدىن تارتىپ ئالالمىدى — ئۇ بولسىمۇ دۇئا ئىدى!
بىز ئون يىلدىن بۇيان بىر-بىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدۇق، بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىدۇق، خەتلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزەلمىدۇق. ئەمما مەن ھەر قېتىم قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرگەندە، سېنىڭمۇ بىر يەردە مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ، بىز بۇ دۇنيادا ئالاقىلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىككى ئىنسان بولساقمۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەنىۋى جەھەتتە ھەر كۈنى بىر-بىرىمىزگە يېقىن تۇردۇق.
ئاپا، بۇندىن 16 يىل ئىلگىرى ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ھازىرغىچە قۇلىقىمدىن كەتمەيدۇ:
«ئوغلۇم، سەن تاللىغان يولۇڭدىن قايتما. ئالدىڭغا قاراپ ماڭ. مەندىن ئەنسىرمە، مەن سەندىن رازى. يېتەركى، يولۇڭدىن يانما!»
مەن ئۇ ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنىڭ ھاياتىمدا قانچىلىك چوڭ مەنىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. ئاخىرقى ئون يىلدا، ھەر قېتىم سېنى سېغىنغىنىمدا، يالغۇزلۇقنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا ۋە ھىجران ئازابىنى كۆتۈرەلمەي يىقىلغىنىمدا، سېنىڭ شۇ سۆزلىرىڭ مېنى قايتا ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى.
مەن سېنىڭ «مەندىن ئەنسىرمە» دېگەن سۆزۈڭنى ئۇنتۇمىدىم. ئەمما ئاپا، مەن سېنى ئەنسىرىتىپ قويغان بولسام، مېنى كەچۈر. چۈنكى بۇ يولنىڭ بەدىلى يالغۇز مېنىڭلا بەدىلىم ئەمەس ئىكەن، سەنمۇ تەڭ بەدەل تۆلىدىڭ.
بۈگۈن مەن سېنى ئەسلەپ، پەقەت ئۆز ئازابىم بىلەنلا قالمىدىم، باشقا ئانىلارنىمۇ ئويلىدىم.
ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ ھۆرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئارقىسىدا ساناقسىز نامسىز ئانىلار بار ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئىسمى خەۋەرلەرگە چىقماسلىقى، رەسىمى كىتابلارغا كىرگۈزۈلمەسلىكى، ھېكايىسىنى تارىخچىلار يېزىپ قالدۇرماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار بار. ئۇلار ئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ، قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەرزەنتىنىڭ قەيەردە ياشاۋاتقانلىقىنى، كېچىدە خاتىرجەم ئۇخلىغان-ئۇخلىمىغانلىقىنى، كېسەل بولغاندا يېنىدا بىرەر ئادەم بار-يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ؛ ئەمما يەنىلا ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.
مانا بۇ — قەھرىمانلىقنىڭ كىشىلەر كۆرمەيدىغان تەرىپى.
قەھرىمانلىق پەقەت مەيداندا تۇرۇشلا ئەمەس. بەزىدە قەھرىمانلىق — يىللارچە كۈتۈش، بەزىدە — كۆز يېشى قىلماي تۇرۇپ يىغلاش، بەزىدە — پەرزەنتىنىڭ يولىنىڭ قانچىلىق قىيىنلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا «يولۇڭدىن يانما» دېيىش، بەزىدە بولسا — ئۆزىنىڭ يۈرىكى پارچىلىنىپ تۇرسىمۇ، پەرزەنتىگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىشتۇر. مېنىڭ ئاپام شۇنداق ئانىلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئاپا!
مەن سېنى ئون يىل كۆرمىدىم، ئەمما سېنىڭ مېنى بىرەر كۈنمۇ ئۇنتۇمىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.
مەن سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئون يىل ئاڭلىمىدىم، ئەمما سېنىڭ «يولۇڭدىن يانما» دېگەن بىر جۈملە سۆزۈڭ ئون يىل بويى مېنىڭ قەلبىمدە جاراڭلىدى.
بۇ دۇنيادا سەن بىلەن ئالاقىلىشىشقا، ھەتتا بىر پارچە خەت يوللاشقىمۇ يول قويمىدى. بۇ دۇنيادا سەن بىلەن كۆرۈشەلمىدىم، سەنمۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمىدىڭ. ئەمما ھازىر، ئاپا، سەن ئۇ دۇنياغا قايتتىڭ. ئەمدى بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق كۈچى بىزنىڭ ئارىمىزغا توساق بولالمايدۇ.
شۇڭا مەن بۇ خەتنى ساڭا يازدىم. بۇ خەتنى ساڭا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئون يىلدىن بۇيان يۈرىكىمگە ئۇيۇلۇپ كەتكەن بۇ سۆزلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن يازدىم.
مەن ساڭا شۇنى دېمەكچى: ئاپا، مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى، ماڭا بەرگەن روھىي كۈچۈڭنى ئۇنتۇمىدىم. سېنىڭ «مەن سەندىن رازى، يولۇڭدىن يانما» دېگەن سۆزۈڭنى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋاقىتلىرىدا بىر ئامانەتتەك كۆتۈرۈپ كەلدىم.
ئەمدى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا پەقەت بىرلا نەرسىدىن ئەنسىرەيمەن: سېنىڭ ئىشەنچىڭگە لايىق ياشىيالىدىممۇ؟
ئاپا، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى پۈتۈن ھاياتىم بىلەن داۋاملاشتۇرىمەن.
بۈگۈن مەن سەندىن ئايرىلىپ، ماتەم تۇتۇۋاتىمەن. ئەمما سېنىڭ ھاياتىڭ ماڭا بىر نەرسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى: بىر خەلقنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسى پەقەت نامايىش مەيدانىدا ياكى سىياسىي سۆزلەردە ياشىمايدۇ. ئۇ ئانىلارنىڭ دۇئاسىدا، دادىلارنىڭ سۈكۈتىدە، ئائىلىلەرنىڭ سېغىنىشىدا ۋە ئۆز ئۆيىگە قايتىشنى كۈتۈپ ياشىغان كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە ياشايدۇ.
بەزىدە، بىر ئانىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسىمۇ پەرزەنتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش بولىدۇ. بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمىغاندا، ئۇنىڭ ئازابىنى دۇنيادىكى ھېچقانداق سىياسىي سۆز، نۇتۇق تولۇق تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ھېكايىمىز پەقەت بىزنىڭلا ھېكايىمىز ئەمەس، ئايرىلىش، ساقلاش ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكەن مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ ھېكايىسىدۇر.
ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نامىنى دۇنيا بىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارغا روھىي كۈچ بەرگەن ئانىلارنى، ئۆيگە قايتىشىنى كۈتۈپ كۆزلىرى قۇرىغان دادىلارنى، مېھرى-مۇھەببىتىكە تەلمۈرۈپ چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنى دۇنيا بىلمەسلىكى مۇمكىن.
مەن بۈگۈن ئاشۇ كۆرۈنمەيدىغان قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولغان ئاپامغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. چۈنكى ئۇ سىياسىي پائالىيەتچى ئەمەس ئىدى، مەيدانلاردا نۇتۇق سۆزلىمىدى، قولىدا بايراق بولمىدى. ئۇنىڭ پەقەت دۇئاسىلا بار ئىدى. ئەمما بىر ئانىنىڭ دۇئاسىدىنمۇ كۈچلۈك قورال بولمايدۇ.
ئاپا!
سەن 85 يىل ياشىدىڭ، بۇ ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۈڭ. ئەمما ئوغلىڭ بىلەن ئاخىرقى ئۆمرۈڭنى بىللە ئۆتكۈزەلمىدىڭ. مەنمۇ سېنىڭ ياشانغان دەۋرىڭدە يېنىڭدا بولالمىدىم. بۇ مېنىڭ يۈرىكىمدە ئۆمۈر بويى قالىدىغان بىر جاراھەت.
لېكىن مەن بىلىمەنكى، سەن مەندىن رەنجىمىدىڭ، چۈنكى سەن «مەن سەندىن رازى» دېگەن ئىدىڭ.
ئاپا، ئەمدى ئارام ئالغىن. ئەمدى سېنى ھېچكىم ئازابلىيالمايدۇ، ئەمدى سەندىن ھېچكىم «بالاڭ قەيەردە؟» دەپ سورىيالمايدۇ. ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدا چېگرا يوق، تۈرمە يوق، توساق يوق، چەكلەش يوق. ئەمدى پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمىتىلا بار.
مەن سېنى ئاللاھقا ئامانەت قىلدىم، ئاپا. مەن سېنىڭ ئالدىڭغا بىر كۈنى قايتىپ بارغۇچە، سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يۈرىكىمدە ساقلاپ ياشايمەن.
سەن ماڭا «ئالدىڭغا قاراپ ماڭ» دېگەن ئىدىڭغۇ، مەن ئالدىمغا قاراپ ماڭىمەن. سەن «يولۇڭدىن يانما» دېگەن ئىدىڭغۇ، مەن ۋەتىنىمنىڭ ئىستىقلالى، خەلقىمنىڭ ئازادلىقى ۋە ھەق-ئادالەت ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمدا ۋىجدانىمغا خىلاپلىق قىلماي ياشاشقا تىرىشىمەن.
بۈگۈن ساڭا بىرلا سۆز ئېيتىمەن: مەن سېنى بەك سېغىندىم، ئاپا...
بۇ دۇنيادا ساڭا دېيەلمىگەن سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ھازىر بۇ خەتكە تۆكۈۋاتىمەن. ئەگەر بۇ خەت ساڭا يېتىپ بارسا، مەن پەقەت شۇنى بىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن: ئوغلىڭ سېنى، سېنىڭ دۇئايىڭنى ۋە «مەن سەندىن رازى» دېگەن سۆزۈڭنى ئۇنتۇمىدى.
ئاپا، سەن بۈگۈن ئۇ دۇنياغا يالغۇز سەپەر قىلدىڭ. ئەمما سېنىڭ دۇئايىڭ، سۆزۈڭ ۋە مېھرىڭ مەن بىلەن قالدى. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، بىز يەنە كۆرۈشىمىز. شۇ كۈنى مەن ساڭا:
«ئاپا، مەن يولۇمدىن يانمىدىم!» دەپ يۈز كېلەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللاھ سېنى ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن. قەبرەڭنى نۇرلۇق، ئورنىڭنى جەننەتتىن قىلسۇن. مەن سېنى ئاللاھقا ئامانەت قىلدىم.
سېنى مەڭگۈ سېغىنىدىغان ئوغلىڭ ئابدۇسالام نىيازدىن
2026-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گوللاندىيە
