تەكلىپنامە : شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك
2-نۆۋەتلىك « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك » يىغىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىگە تەكلىپ
ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، گولاندىيەدىكى ئەزىز جامائەت ئەھلى!
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى سىلەرنى 2026-يىلى 8-نويابىر (يەكشەنبە) كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك » يىغىلىشى ۋە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىنى بىرلىكتە خاتىرىلەش پائالىيىتىگە سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ پائالىيەت پەقەت بىر خاتىرە كۈنى بولۇپلا قالماي، گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىكى ئورتاق خىزمەتلەر ھەققىدە كېڭىشىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر.
پائالىيەت جەريانىدا:
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش: 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى قىزغىن خاتىرىلىنىدۇ.
فېدېراتسىيەنى تونۇشتۇرۇش: گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى جامائەتكە رەسمىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، مەقسىتى، ۋەزىپىسى ۋە كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ.
ئوچۇق سۆھبەت: جامائەت ئەزالىرىنىڭ فېدېراتسىيەگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
دوستلۇق داستىخىنى: بىرگە غىزالىنىش، ئۆزئارا دىدارلىشىش ۋە دوستلىشىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى: ۋەتەن ۋە مىللەت روھىنى، تارىخ ۋە كىملىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان جەڭگىۋار ئۇيغۇر مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ.
گوللاندىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى، ياشلارنى، چوڭ-كىچىك ئائىلىلەرنى ۋە جامائەت ئەزالىرىنى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە بىرگە بولۇشقا چاقىرىمىز.
بىرلىكىمىز — كۈچىمىز،
ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىز — كەلگۈسىمىزنىڭ ئاساسى!
ۋاقتى: 2026 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8- كۈنى يەكشەنبە ، سائەت 12:00 دە باشلىنىدۇ
ئادرېسى: Herikweg 5, 3193 KC Hoogvliet Rotterdam ھەقسىز ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار
ھۆرمەت بىلەن:
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى
